ئۇيغۇر
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ رايونىدا ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺭﻭﺳﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺳﺘﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ.
«ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «بىرلىشىش» ، «ھەمكارلىشىش» دېگەنلىك بولىدۇ.
دۇنيادىكى نوپۇسى 12مىليۇندىن ئاشىدۇ.

مىللەتنىڭ تارىخى
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ 3000-2000 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻧﻮﯞ-ﻣﻨﻮﺳﯧﻨﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻯ (ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ) ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﭼﻪ ﺋﺎﻕ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﻖ (ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ) ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻯ، ﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﻰ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﺳﻪﻳﻠﻪ-ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ “ﺋﺎﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ” ﺑﯘ ﻛﻪﯓ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ “ﺋﯘﻟﯘﻏﺨﻮﺭ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ -2000ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 6 ،5 ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻏﻪﺭﺏ، ﺟﻪﻧﯘﺏ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﺎﻛﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺳﺎﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻮﺧﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻻ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻨﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻠﯘﺋﯩﺪ (ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﺮﻗﻰ) ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯩﺪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﻨﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺷﯘﻟﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯘﻟﯘﻏﺨﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ -2ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ-ﺗﯜﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘ (ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻱ) ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺩﯗﺱ ﺋﻮﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻳﻔﺎﯓ، ﺩﻯ-ﺯﻩﻱ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ (ﺩﻩﻧﻠﻪﻥ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﺴﻪﻳﮕﯩﭽﻪ، ﻳﯧﻨﺴﻪﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎﮬﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺟﻴﯥ، ﺋﯘﺧﯘ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ-ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﯘﺳﯩﻴﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﺑﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ئىتنىك مەنبەسى
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيىدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالاسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى قان تىپى قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى كىيىنىش ۋە مۇزىكا ئۇسسۇل بايرام سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى “ئات مەدەنىيىتى” بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدە «ئۇلۇغخور» دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6-5 ئەسىرلەرگىچە غەرب جەنۇب ۋە شەرقكە يۆتكىلىپ ئىران ئېگىزلىكى ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈركۈمى-تۈرۈكلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ.
تىل-يېزىقى
ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى بار، قەدىمدە ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكەن، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ 99% ئۆز ئانا تىلىدا ئالاقە قىلىدۇ، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا ئۇيغۇرلانىڭ ھەممىسى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق قىممەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار. «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» نى ھەر مىللەت خەلقى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە.

نوپۇس ئەھۋالى
ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تارالغان، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسمى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن، چاڭدې قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان.
دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى : ئون مىليون ئاتمىش توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق ئالتە - 10,069,346 ئادەم ( 2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى )
ھېيت-بايراملىرى
ئۇيغۇرلاردا ھېيت-ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار) قائىدىلىرى بويچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. «نەۋرۇز» (نورۇز) بايرىمى «كۆك مەشرىپى” “سۇ مۈلەك» ئايەملىرى باھار-نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە «قىزىل كۈل سەيلىسى» «قوغۇن سەيلىسى» قاتارلىق يازلىق-كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۇرھان (بۇت) يۆتكەش» مۇراسىملىرى بولغان ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن قۇربان ھېيت روزا ھېيت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى.
نورۇز بايرىمى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەدەنىيەت-سەنئىتى
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻖ، ﻗﺎﺭﺍﺳﯘﻕ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻗﻪﻟﺌﻪ، ﻛﻮﻧﺎ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯙﯞﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ- ﺳﺎﻙ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﺟﻪﯓ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﮬﻪﺗﺘﺎ مانىنىزىملىق (ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﯞﺍﺯﻟﯩﻖ) ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﺎﯞﻟﯩﻦ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﺎﯓ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ “ﺧﯘﺭﻛﯩﻴﻤﻰ” ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﻴﻨﯩﺶ، ﺯﯨﺒﯘ-ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ، ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﺯ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﺎﺋﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

قۇربان ھېيت كۈنى سەھەردە، ئۇيغۇرلار چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، چوڭ جامائە ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، ناغرا ۋە سۇناينىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن قويۇق ئەمگەك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ساما ئۇسسۇلى ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى يېنىك، لەرزان ۋە چىرايلىق بولۇپ، چېۋەر پىرقىراش ھەرىكەتلىرى، ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. «سەنەم» ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسسۇل شەكلى، «شادىيانە» بولسا بىر تۈرلۈك ئەلئارا كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھېسابلىنىدۇ. مېھماندارچىلىق، ھېيت-بايرام ۋە توي-تۆكۈن قاتارلىق خۇشاللىق كۈنلەردە ئەر-ئايال، قېرى-ياشلار زوق-شوخ بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.
قىزلار چېچىنى10 نەچچە تال ئۆرۈۋالىدۇ، ئۇزۇن چاچنى گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى ئائىلىلەرنىڭ قىشلايدىغان ۋە يازلايدىغان ئۆيى ئايرىم بولىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش توي مۇراسىمى يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخىل بولسىمۇ ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۇيۇپ كېپەنلەش ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا-زارە قىلىش مېيىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش لەھەتتە مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ تاش گۆرنى توپا بىلەن كۆمۈش قەبرە بېشىدا مېيىنىڭ ئىجابىي تەرىپىگە گۇۋاھلىق بېرىش قەبرە تېشى-گۈمبەز ئورنىتىش مېيىنىڭ يەتتە قىرىق يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مېيىت سۆڭىكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش مېيىنى تاش گۆرگە كۈمۈش مېيىنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش شام گۆرگە قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.
يىمەك-ئىچمەك
يېمەك-ئىچمەكتە ئۇن تائامىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەتكەنچاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قوناق ئۇنى ۋە ناننى ئومۇميۈزلۈك ئىستېمال قىلىدۇ. پولۇ ھېيت-ئايەم ۋە مېھماندارچىلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان تاماق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، قوي گۆشى، قوي مېيى، سەۋزە، يېمىش، پىياز ۋە گۈرۈچ بىلەن ئېتىلىدۇ. قولدا يېيىلىدۇ، تەمى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە، بەكمۇ يېيىشلىك بولىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى كېسەك ۋە لايدىن قوپۇرۇلىدۇ. ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تۈنۈك قويۇلىدۇ. ئۆيگە مورا چىقىرىلىپ تاماق ئېتىش ۋە ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
![]()
كىيىنىش ئادىتى
ئۇيغۇرلار پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەر ئۇدۇل پەشلىك ئۇزۇن تون كىيىدۇ، ئۇنى ئادەتتە «چاپان» دەپ ئاتايدۇ. قىز-ئاياللار كەڭ يەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە قارا جىلىتكە كىيىۋالىدۇ. ھازىر كۆپىنچىلىرى كاستۇم-بۇرۇلكا، يوپكا كىيىدۇ. ئەر-ئايال، قېرى-ياشلار تۆت بۇرجەكلىك گۈللۈك باش كىيىم كىيىشكە ئامراق بولۇپ، ئۇنى» دوپپا «دەپ ئاتايدۇ.
![]()
ئەنئەنە ئالاھىدىلىكى
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯛﺵ، ﺗﻮﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﭼﺎﻳﻠﯩﺮﻯ، ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ، ﻳﯩﮕﯩﺖ-ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﻗﯘﺩﯨﻼﺭ ﭼﯩﻠﻼﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﻪﺭﺧﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ يۇيۇپ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﻪﺵ، ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﻕ ﺭﻭﻣﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻕ ﺑﻪﻟﯟﺍﻍ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻳﯩﻐﺎ-ﺯﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯧﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﺒﻠﻪ (ﻏﻪﺭﺏ) ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﺋﯩﭻ ﮔﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺗﺎﺵ ﮔﻮﺭﻧﻰ ﺗﯘﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻣﯜﺵ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ تەرىپىگە ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﯧﺸﻰ-ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ، ﻗﯩﺮﯨﻖ، ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺯﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻣﯧﻴﺖ ﺳﯚﯕﻜﯩﻨﻰ ﻛﺎﮬﯩﺶ (ﺳﺎﭘﺎﻝ) ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﯘﻳﯘﺵ، ﻣﯧﻴﺘﻨﻰ ﺗﺎﺵ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻛﯜﻣﯜﺵ، ﻣﯧﻴﺘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺷﺎﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﻗﯘﻡ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﻛﯚﻣﯜﺵ، ﺷﺎﻡ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ.

تۇرمۇش ئەھۋالى
ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئۆتكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرغاق ۋە ئىللىق بولۇپ، ئەزەلدىن «قورۇل سىرتىدىكى جياڭنەن» دېگەن نامى بار. شىمالىي شىنجاڭ سوغۇق بولۇپ، ھۆل-يېغىن كۆپ. ئويمانلىق ئەتراپى ۋە چۆل-جەزىرىلەردە بوستانلىق بەرپا قىلىش—ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەر بىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر ئېقىن سۇلار ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ ئۆزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازا پېشايۋان ئايۋان-ساراي ئوغۇل-قىزلار ئۆيلىرى قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالخانا ئۆيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىنچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۈپ قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقىشلىك مېھراب (مەرەپ) تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.
![]()
خەلىق-ئىغىز ئەدەبىياتى
ئۇيغۇرلار خەلق فولكلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزم دەۋرى ھىكايەتلىرىگىچە قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان «بۆرە ھېكايىسى»، «ئوغۇز نامە»، «ئافراسىياپ رىۋايىتى»، «چىستانى ئىلىك بەك رىۋايىتى»، «دەدە قورقۇت»، «تۇمارىس»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قوشاقلار لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى “قۇتادغۇ بىلىك” تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى دىنىي ئەخلاقىي تارىخىي ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ ئۇيغۇر روھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۇر تارىخىنىڭ باي رەڭدار خەزىنىسىنى ھاسىل قىلدى.
دىن ئەھۋالى
ئۇيغۇرلار قەدىمدە شامان دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. 11-ئەسىردىن كېيىن ئاساسلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
چوڭ ئىشلار
ئۇيغۇر 12 مۇقامى
ئۇيغۇر 12مۇقامى 2005-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
تېخىمۇ كۆپ ..
![]()
مەشرەپ
2010-يىلى 11-ئاي 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەت ئارا يېغىنى 5-قېتىملىق يېغىنىدا ‹‹ مەشرەپ ›› 2010-يىللىق جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى . تېخىمۇ كۆپ ..
![]()
پايدىلانغان ماتېرىياللار :
ئىزدە قامۇسى تور بېكىتى: http://wiki.izda.com/?a=show&id=1
ئەسكسرتىش :
بۇ يازمىنى تەھرىرلىگۈچى(يەنى ئابدۇۋاھىت ئابدۇغنى) ئىزدە قامۇسىدىن تەھرىرلەپ ئېلىپ ئۆزىنىڭ github بىلوگىغا چىقاردى، بۇنى پەقەت ئۆگۈنۈش ئۈچۈنلا يوللىغان ،سودىغا ئىشلىتىلمەيدۇ. كەڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ مېنى قوللاپ بېرىشىنى ھەمدە بۇ بىلوگىمدا سىلەر بايقىغان تېخنىكا ياكى ئىملا خاتالىقلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن .
ئاپتورىنىڭ سۆزى :
بۇ بىلوگىمنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ مول قىلىش ئۈچۈن سىلەردىن ياردەم سورايمەن، ئەگەر سىلەرنىڭمۇ ساقلاپ قويغان ياكى يازماقچى بولغان ئەسەرلەر بولسا ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار، مەن ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ھالدا بىلوگىمغا چىقىرىمەن، سىلەرگىمۇ ھەمبەرلەپ بېرىمەن، ھەمدە قىزىل بولاق ئارقىلىق سۆيۈنچە بېرىمەن. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەگەر تېخنىكىغا ئائىت مەزمۇنلار بولسا ئەڭ ياخشى، مەسلەن android, ios, java, python, javascript, react, nodeJSدىگەندەك. ئەسەرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ياكى ئېنگىلىزچە بولسا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ ھۆججەت نۇسخىسى markdown بولسا ئەڭ ياخشى، markdown تىلىنىڭ گىرامماتكىسىنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز بۇنى markdown بېسىپ كۆرۈڭ، ئەگەر يەنە ئىشلىتىشنى چۈشۈنەلمىسىڭىز ماڭا ئەسىرىڭىزنى ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىڭ ،مەن ئۆزۈم رەتلەپ يوللايمەن.مېنىڭ ئېلىخەت ئادرىسىم 1075384345@qq.com . سىلەرنىڭ مېنى قوللىشىڭلار مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئەمگەك مىۋەم. رەھمەت!
博主有话说:
为了我的博客内容更加丰富,我现在需要你们各位朋友的帮助。如果你们有自己的好文章或者准备写,请发给我,我上传到我的博客上并且注明原作者,最重要的是你将会得到一定的报酬,我会通过红包的形式给你们。文章内容不限,不过技术类文章最受欢迎的,比如安卓开发,前端开发,java,python,javascript等。语言最好是中文,英文和维文这三种语言。文章最好是用markdown编辑器写的,可以点击markdown查看markdown语法,实在不行用word格式的文章,发到我的邮箱1075384345@qq.com. 我自己整理编辑后发布到博客上。 你们的支持是我最大的收获。谢谢!
Support the Author:
In order to make this blog more productive, I need help from friends like you. So, if you have written some good articels or you are going to write later to share with many people, just send it to me and i will upload to my blog with attaching your name as real author. Most importantly, you will be rewarded with some money in the form of red pocket. There is no limit to the content, but technical articles such as about java, python, react native, nodeJS and javascript are prefered .The format of your article is required to be written in Markdown Editor, if you are not so familiar with Markdown language, click Markdown and learn the simple grammar. If you still have problem with markdown, it doesn’t matter, just send me in any format via email, here is my email 1075384345@qq.com , I will edit by myself. Your support is my best award. Thank you all my beloved friends !
![]() | ![]() |

